10-9-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تەڭگىنى مەن ئالدىم، ۋە ئۇلار پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». ■ يەر. 32:6-9؛ زەك. 11:12 ،13
■27:1 زەب. 2:2؛ مار. 15:1؛ لۇقا 22:66؛ 23:2؛ يـۇھ. 18:28.
■27:2 روس. 3:13.
□27:5 «يەھۇدا... تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» ــ «تالاغا چىقىپ» بەلكىم شەھەرنىڭ سىرتىغا بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
■27:5 2سام. 17:23؛ روس. 1:18.
□27:6 «بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان تەڭگىلەردۇر، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام» ــ «ھارام» ــ مۇشۇ يەردە، تەۋراتتا چەكلەنگەن، دېمەك.
□27:7 «ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى» ــ ياكى ««ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى»نى سېتىۋالدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى» ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولغان بىر يەرنىڭ ئىسمى ئىدى.
■27:7 روس. 1:19.
■27:9 زەك. 11:12.
□27:10 «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى» ــ بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر (9-10-ئايەتلەر)نىڭ كۆپىنچىسى «زەكەرىيا» 12:11-13دىن ئېلىنغان. ئەمدى نېمىشقا ماتتا بۇ سۆزلەرنى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭكى دەيدۇ؟ بىز بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 10-9-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تەڭگىنى مەن ئالدىم، ۋە ئۇلار پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى».
■27:10 يەر. 32:6-9؛ زەك. 11:12 ،13
□27:11 «ئەيسا... «ئېيتقىنىڭدەك»، دېدى» ــ مەسىھنىڭ «ئېيتقىنىڭدەك» دېگەن جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.
■27:11 مار. 15:2؛ لۇقا 23:3؛ يـۇھ. 18:33.
■27:13 مات. 26:62.
■27:14 يەش. 53:7؛ روس. 8:32.
■27:15 مار. 15:6؛ لۇقا 23:17؛ يـۇھ. 18:39.
□27:16 «بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەيسا بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس» دېيىلىدۇ.
■27:16 مار. 15:7؛ لۇقا 23:19؛ يـۇھ. 18:40.
□27:17 «بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟» ــ ياكى «ئەيسا بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟».
□27:19 «چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم» ــ ياكى «چۈنكى ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم».
■27:20 مار. 15:11؛ لۇقا 23:18؛ يـۇھ. 18:40؛ روس. 3:14.
■27:25 روس. 5:28.
□27:26 «ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن...» ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىسىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازاغا تارتىلغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى.
□27:27 «ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ» ــ «ۋالىينىڭ ئوردىسى» گرېك (لاتىن) تىلىدا «پرايتورىئۇم» دېيىلىدۇ. «پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى» ــ «لەشكەرلەر توپى» (گرېك تىلىدا «كوھورت») 500-600 كىشىدىن تەركىب تاپقان.
■27:27 مار. 15:16؛ يـۇھ. 19:2.
□27:28 «ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى» ــ «پەرەڭ رەڭلىك» (ياكى سۆسۈن رەڭلىك) شۇ چاغدا شاھانە كىيىمنىڭ رەڭگى شۇنداق ئىدى («مار.» 17:15، «يۇھ.» 2:19نى كۆرۈڭ). ئۇلار شۇ «شاھانە تون» ئارقىلىق ئەيسانى «پادىشاھ بولامسەن؟!» دەپ مازاق قىلماقچى.
□27:29 «ئۇلار... تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى» ــ ئۇلار قومۇشنى پادىشاھنىڭ شاھانە ھاسىسى سۈپىتىدە مازاق قىلىپ قولىغا تۇتقۇزغان.
□27:32 «...كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى» ــ «ئەيسانىڭ كرېستى» ــ ئەيسا ئۆزىنى جازالايدىغان قورال بولغان شۇ كرېست (چاپراس ياغاچ)نى ئەسلىدە ئۆزى يۈدۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق قاتتىق قامچىلانغانكى، ھالسىراپ، يۈدۈپ ماڭالمىغان بولسا كېرەك.
■27:32 مار. 15:21؛ لۇقا 23:26.
■27:33 مار. 15:22؛ لۇقا 23:33؛ يـۇھ. 19:17.
□27:34 «...ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى» ــ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن.
■27:34 زەب. 69:21
■27:35 زەب. 22:18؛ مار. 15:24؛ يـۇھ. 19:23.
■27:37 مار. 15:26؛ لۇقا 23:38؛ يـۇھ. 19:19.
■27:38 يەش. 53:12.
■27:39 زەب. 22:8-9؛ 69:19-20؛ مار. 15:29؛ لۇقا 23:35.
■27:40 مات. 26:61؛ يـۇھ. 2:19.
□27:43 «ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي!» ــ «زەب.» 8:22نى كۆرۈڭ.
□27:45 «كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە» ــ ھازىرقى ۋاقىت سىستېمى بويىچە، «چۈش ۋاقتى، سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە».
■27:45 مار. 15:33؛ لۇقا 23:44.
□27:46 «توققۇزىنچى سائەتلەردە ...» ــ ھازىرقى ۋاقىت بويىچە سائەت ئۈچلەردە. ««ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟»» ــ (ئارامىي تىلىدىكى سۆزلەر) «زەب.» 1:22نى كۆرۈڭ.
■27:46 زەب. 22:1-2؛ ئىبر. 5:7.
■27:48 زەب. 69:21؛ يـۇھ. 19:29.
□27:50 «ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى» ــ ئۇنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى: «تامام بولدى!» دېگەن بولسا كېرەك («يۇھ.» 30:19نى كۆرۈڭ).
■27:50 زەب. 31:5؛ لۇقا 23:46
□27:51 «شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى» ــ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى سىرتتىكى ھويلىدىن ئايرىيدىغان يەنە بىر «سىرتقى پەردە» بار ئىدى، لېكىن بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە باشقا ئاتالغۇ ئىشلىتىلىدۇ).
■27:51 2تار. 3:14؛ مار. 15:38؛ لۇقا 23:45.
□27:52-53 ««مۇقەددەس شەھەر»» ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. «قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى)» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قەبرىلەر ئېچىلدى، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن قەبرىلىرىدىن چىقىپ، مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى». لېكىن «1كور.» 20:15گە ئاساسەن («مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدىن خۇددى تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر») تەرجىمىمىز توغرا بولسا كېرەك.
■27:54 مار. 15:39؛ لۇقا 23:47.
■27:55 زەب. 38:11؛ مار. 15:40؛ لۇقا 8:2؛ 23:49.
■27:57 مار. 15:42؛ لۇقا 23:50؛ يـۇھ. 19:38.
■27:60 مار. 15:46؛ لۇقا 23:53.
□27:62 «ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ...» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتلاردا كۆرسەتكىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «كۈن» ئەمەلىيەتتە كەچتە (سائەت ئالتىدە) باشلىنىدۇ. «تەييارلاش كۈنى» ــ «شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى) ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان كۈن»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەتىسى» ئەمەلىيەتتە شابات كۈنىنىڭ بېشىنى، يەنى شۇ كەچ سائەت ئالتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ «كاھىنلار» ئەيسانىڭ بېشارەت سۆزلىرىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىيلىشىپ، ئۆزلىرى قەدىرلەيدىغان شابات كۈنىدىكى «دەم ئېلىش» ئادىتىنى بۇزماقتا ئىدى.
■27:63 مات. 16:21؛ 17:23؛ 20:19؛ مار. 8:31؛ 10:34؛ لۇقا 9:22؛ 18:33؛ 24:6.