«ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە «خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا» دېگەن مەنىدىمۇ بولغان. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ. ■ زەب. 118:25-26
مەسىھ كەلتۈرگەن سۆزلەر ــ «زەب.» 22:118-23. ■ زەب. 118:22-23؛ يەش. 8:14؛ 28:16؛ مار. 12:10؛ لۇقا 20:17؛ روس. 4:11؛ رىم. 9:33؛ 1پېت. 2:6.
■21:1 مار. 11:1؛ لۇقا 19:29.
□21:5 «زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ» ــ بېشارەت «زەك.» 9:9دىن ئېلىنغان. «زىئون» ــ يېرۇسالېم جايلاشقان تاغنى كۆرسىتىدۇ.
■21:5 1پاد. 1:38-40؛ يەش. 62:11؛ زەك. 9:9؛ يـۇھ. 12:15.
□21:7 «... ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى» ــ دېمەك، ئېگىرى يوق ئىدى.
■21:7 2پاد. 9:13؛ يـۇھ. 12:14.
□21:9 «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە «خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا» دېگەن مەنىدىمۇ بولغان. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.
■21:9 زەب. 118:25-26
□21:12 «ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ...» ــ ئىبادەتخانا ــ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى (سىناگوگلار) ئىدى؛ مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن «ئىبادەتخانا» يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، پەقەت «خۇدا ئۆز نامىنى قويغان» يېرۇسالېمدىكى بۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلسا توغرا بولاتتى.
■21:12 قان. 14:26؛ مار. 11:15؛ لۇقا 19:45؛ يـۇھ. 2:14.
□21:13 «مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر!» ــ تەۋرات، «يەش.» 7:56 ۋە «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» دېگەن سۆزى ئىككى بىسلىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن باش كاھىنلارنىڭ سودىگەرلەرگە قۇربانلىقلارنى سېتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ كاھىنلارنىڭ خەلقنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بۇلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
■21:13 1پاد. 8:29؛ يەش. 56:7؛ يەر. 7:11؛ لۇقا 19:46.
■21:15 مار. 11:27.
□21:16 «سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى،...؟» دېگەن ئىبارە پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ» ــ «زەب.» 2:8.
■21:16 زەب. 8:2
■21:18 مار. 11:12،20.
□21:19 «ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى» ــ پەلەستىندىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە يوپۇرماق بولسا، مېۋىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇ كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
■21:19 ھوش. 9:10
□21:20 «ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى!» ــ ياكى «ئەنجۈر دەرىخى قانداقمۇ بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى!»
■21:21 مات. 17:20؛ لۇقا 17:6.
■21:22 مات. 7:7؛ مار. 11:24؛ لۇقا 11:9؛ يـۇھ. 14:13؛ 16:24؛ ياق. 1:5؛ 1يۇھ. 3:22.
■21:23 مىس. 2:14؛ مار. 11:27؛ لۇقا 20:1؛ روس. 4:7؛ 7:2.
□21:25 «يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟» ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۈمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى.
■21:26 مات. 14:5؛ مار. 6:20.
□21:31 «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر...» ــ «باجگىرلار» توغرىسىدا 18:18دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە» ــ «كىرمەكتە» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، «باجگىرلار ۋە پاھىشىلەر» ئاۋۋال يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق توۋا قىلغان، ئاندىن ئەينى چاغدا مەسىھنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا تېخىمۇ كىرىۋاتقانىدى.
□21:32 «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن ...» ــ ياكى «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئېلىپ بارغىلى كەلگەن». گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىدا كەلگەن...» دېيىلىدۇ.
■21:32 مات. 3:1.
■21:33 زەب. 80:8-9؛ يەش. 5:1-7؛ يەر. 2:21؛ 12:10؛ مار. 12:1؛ لۇقا 20:9.
■21:35 2تار. 24:21.
■21:38 يار. 37:18؛ زەب. 2:1، 8؛ مات. 26:3؛ 27:1؛ يـۇھ. 11:53؛ ئىبر. 1:2.
□21:42 «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار «روھىي ھايات»نىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىشىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى. مەسىھ كەلتۈرگەن سۆزلەر ــ «زەب.» 22:118-23.
■21:42 زەب. 118:22-23؛ يەش. 8:14؛ 28:16؛ مار. 12:10؛ لۇقا 20:17؛ روس. 4:11؛ رىم. 9:33؛ 1پېت. 2:6.
■21:43 مىس. 32:10؛ يەش. 55:5؛ مات. 8:12.
□21:44 «بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ» ــ «تاش» بولسا ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. 42-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىتىلىمىز.
■21:44 يەش. 8:15؛ دان. 2:34؛ زەك. 12:3؛ لۇقا 20:18.
■21:45 لۇقا 20:19.
■21:46 لۇقا 7:16؛ يـۇھ. 7:40.