12
ئەيسا «شابات»نىڭ ئىگىسىدۇر •••• «شابات كۈنى» توغرۇلۇق 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
مار. 2‏:23-28؛ لۇقا 6‏:1-5
شۇ چاغلاردا بىر شابات كۈنى، ئەيسا بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈپ، يېيىشكە باشلىدى. «شابات كۈنى» ــ شەنبە كۈنى، تەۋرات كالېندارى بويىچە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەربىر ئىنسان ۋە مال-چارۋىلارمۇ شۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش-خىزمەت قىلماي، دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.   قان. 23‏:24؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1. لېكىن بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا:
ــ قارا، مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. «مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ» ــ «چەكلەنگەن ئىش» توغرۇلۇق ــ تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن. تەۋرات قانۇنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى «خامان تېپىش» «خىزمەت» دەپ قارىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق ئىش دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر مۇخلىسلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى «خامان تەپكەنلىككە باراۋەر» دەپ قارىغان. ئەمدى باشاقلارنى ئۈزۈپ يېيىش زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى ئوخشاش ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر مەسىھنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆزى بىرنېمە دېسۇن! «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.   مىس. 20‏:10.
بىراق ئۇ ئۇلارغا:
ــ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ «داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبىلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ، ئۇلارنى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن. ئەسلىدە بۇ نانلارنى پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولاتتى. «داۋۇت خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ، ئۇلارنى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.   مىس. 29‏:33؛ لاۋ. 24‏:9؛ 1سام. 21‏:6.
سىلەر تەۋراتتىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانسىلەركى، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان كاھىنلار شابات كۈنلىرى ئىشلەپ شابات تەرتىپىنى بۇزسىمۇ، گۇناھقا بۇيرۇلمايدۇ. چۆل. 28‏:9. بىراق مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار. 2تار. 6‏:18. ئەمدىلىكتە ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ «مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭلار، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار دەپ بېكىتمەيتتىڭلار. «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» ــ «ھوش.» 6:6دىن ئېلىنغان سۆز (13:9نىمۇ كۆرۈڭ).   ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 23‏:23. چۈنكى ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. مار. 2‏:28؛ لۇقا 6‏:5.
 
شابات كۈنىدە بىمارنى ساقايتىشقا بولامدۇ؟
مار. 3‏:1-6؛ لۇقا 6‏:6-11
ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. «ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى» ــ «ئۇلار» بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «پەرىسىيلەر»نى كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك.   مار. 3‏:1؛ لۇقا 6‏:6. 10 ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن:
ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. لۇقا 14‏:3.
11 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ مىس. 23‏:4؛ قان. 22‏:4. 12 ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. يار. 1‏:27. 13 ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە:
ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. «ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» ــ «ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» دېگەن پېئىلنىڭ «مەجھۇل شەكلى» بولۇپ، بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزە «شابات كۈنىدە يارىتىلغانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟
14 بىراق پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى. مار. 3‏:6؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:39؛ 11‏:53.
 
خۇدا تاللىغان قۇل
15 ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛ مات. 10‏:23. 16 ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى. مات. 9‏:30؛ لۇقا 5‏:14. 17 بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:
 
18 ــ «قاراڭلار، مانا مەن تاللىغان ئۆز قۇلۇم!
مېنىڭ سۆيۈملۈكىم، دىلىمنىڭ سۆيۈنگىنى!
مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ. «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ» ــ «يەش.» 42-بابتىلى ئىزاھتلارنىمۇ كۆرۈڭ.
«ئەللەر» بولسا مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەر، جاهاندىكى بارلىق مىللەتلەترنى كۆرسىتىدۇ.
«ھۆكۈم-ھەقىقەت» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق: ــ بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا (تەۋراتتىكى ئەينى بېشارەتتتە) «مىشپات» دېيىلىدۇ، ئۇ تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى خۇدانىڭ «ھەققانىي قۇلى»نىڭ: ــ
(1) خۇدانىڭ بۇتلار توغرۇلۇق ھۆكۈمى، يەنى «خۇدا دېگەن تىرىك ھەم بىردۇر، بۇتلار يوقتىن بولغان نەرسە» دېگەن ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىشىنى (ھەقىقەتسىزلەر ھەقىقەتكە ئېرىشىدۇ).
(2) خۇدانىڭ ئادىل قانۇن-پەرمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى؛
(3) ھەرخىل خاتا ئۇقۇملارنى ۋە كۆزقاراشلارنى تۈزىتىپ توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈشىنى؛
(4) ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىپ، ئۇۋال بولغانلارغا ئادالەتنى يەتكۈزۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
   يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.
19 ئۇ نە تالاش-تارتىش قىلمايدۇ نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ،
كوچىلاردا ئۇنىڭ كۆتۈرگەن ئاۋازىنى ھېچ ئاڭلىغۇچى بولمايدۇ.
20 تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە،
يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ،
تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ «تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە...» ــ «ھۆكۈم-ھەقىقەت» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق يۇقىرىقى 19-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
21 ۋە ئەللەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ». يەش. 42‏:1-4.
 
مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش
مار. 3‏:20-30؛ لۇقا 11‏:14-23؛ 12‏:10
22 شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. مات. 9‏:32؛ لۇقا 11‏:14. 23 بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ:
ــ ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يـۇھ. 4‏:29.
24 لېكىن پەرىسىيلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ:
ــ ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزىبۇبقا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن، دېيىشتى. مات. 9‏:34؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15.
25 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. 26 ئەگەر شەيتان شەيتاننى قوغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ 27 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! «ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى شەرھى بار: ــ
(1) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ پەرىسىيلەرنىڭ ئۆز تالىپ-ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا پەرىسىيلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرى جىنلارنى ھېچ ھەيدىيەلمەيتتى. ئۇنداقتا شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىغا ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئەيسا ۋە مۇرىتلىرىمۇ، ياكى پەرىسىيلەرمۇ؟ پەرىسىيلەرنىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جىننى ھەيدەشكە كۈچسىز بولغانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى.
(2) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى (ئىسرائىللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى) كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئەيسالا ئەمەس، ئۇلارمۇ جىنلارنى ھەيدىيەلەيدىغان بولغان؛ شۇڭا ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ خۇدانىڭ كۈچى بىلەن جىن-شەيتانلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى.
بىزنىڭچە (1)-كۆزقاراش توغرا. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
28 لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى.
29 بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا، ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. «بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟...» ــ بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.
30 مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە ئادەملەرنى يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر.
31 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرتۈرلۈك گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ. مار. 3‏:28؛ لۇقا 12‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:16. 32 ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ» ــ «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» ياكى «مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.   چۆل. 15‏:30؛ 1سام. 2‏:25؛ 1يۇھ. 5‏:16.
 
ئادەمنى ئەمەللىرىدىن تونۇش
لۇقا 6‏:43-45
33 دەرەخ ياخشى بولسا، مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ ــ ياكى دەرەخ پور بولسا، مېۋىسىمۇ ناچار بولىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق دەرەخ ئۆز مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ. مات. 7‏:18.
34 ئەي يىلانلارنىڭ پەرزەنتلىرى! سىلەر رەزىل تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى سۆز چىقسۇن؟ چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە تولۇپ تاشقان بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. زەب. 40‏:9-10؛ مات. 3‏:7؛ لۇقا 6‏:45. 35 ياخشى ئادەم ئۆز ياخشى خەزىنىسىدىن ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. يامان ئادەم يامان خەزىنىسىدىن يامان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. 36 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق سۆزى ئۈچۈن سوراق كۈنى ھېساب بېرىدۇ. توپ. 12‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:4. 37 چۈنكى ئۆز سۆزلىرىڭ بىلەن يا ھەققانىي ئىسپاتلىنىسەن، يا سۆزلىرىڭلار بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلىسەن. 2سام. 1‏:16؛ لۇقا 19‏:22.
 
مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىش تەلىپى
مار. 8‏:11-12؛ لۇقا 11‏:29-32
38 شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار، ــ دېدى. «ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار» ــ پەرىسىيلەر ئەيسادىن تەلەپ قىلغان «ئالامەت» بولسا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆزىزىلىك ئالامەت، ئەلۋەتتە.   مات. 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 1كور. 1‏:22. 39 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر بىر «ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق مۆجىرىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. 40 چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ. يۇن. 2‏:1،11 41 سوراق كۈنى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ، يامانلىقىدىن توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ! «مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەر دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ!» ــ بۇ 39-41-ئايەتلەردە ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تىرىك چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. تەۋرات، «يۇنۇس» 1-2-بابلارنى ۋە شۇ كىتابتىكى «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ ھەم ئۇشبۇ كىتابتىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ» ــ دېمەك، «بۇتپەرەس نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بولغان مەسىھ سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار».   يۇن. 3‏:5؛ لۇقا 11‏:32.
42 سوراق كۈنى «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، ھازىر مۇشۇ يەردە سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ. «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ» ــ يەنى «شەبانىڭ ئايال پادىشاھى». «شەبا» جەنۇبىي ئەرەبىستان ياكى ئېفىئوپىيەنى كۆرسىتىدۇ. «1پاد.» 1:10-10نى كۆرۈڭ.   1پاد. 10‏:1؛ 2تار. 9‏:1؛ لۇقا 11‏:31.
 
ناپاك روھنىڭ قايتىپ كېلىشى
لۇقا 11‏:24-26
43 ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قۇرغاق دالالارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ، بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ «ناپاك روھ» ــ جىننى كۆرسىتىدۇ.   لۇقا 11‏:24. 44 ۋە: «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، 45 بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ. «بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ» ــ بۇ تەمسىل: (1) جىن چاپلىشىشتىن قۇتقۇزۇلغان ئادەمنىڭ ھەقىقىي بىر خەتىرىنى؛ (2) يەھۇدىي خەلقنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   ئىبر. 6‏:4، 5؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:20.
 
مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم كىم؟
مار. 3‏:31-35؛ لۇقا 8‏:19-21
46 ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. مار. 3‏:31؛ لۇقا 8‏:20. 47 شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:
ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ تاشقىرىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى.
48 لېكىن ئۇ جاۋابەن شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىدىن: «كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟» ــ دەپ سورىدى. 49 ئاندىن ئۇ قولىنى سوزۇپ مۇخلىسلىرىنى كۆرسىتىپ:
ــ مانا مېنىڭ ئانام، مانا مېنىڭ ئىنىلىرىم! 50 چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى. يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11.
 
 

12:1 «شابات كۈنى» ــ شەنبە كۈنى، تەۋرات كالېندارى بويىچە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەربىر ئىنسان ۋە مال-چارۋىلارمۇ شۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش-خىزمەت قىلماي، دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

12:1 قان. 23‏:24؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1.

12:2 «مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ» ــ «چەكلەنگەن ئىش» توغرۇلۇق ــ تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن. تەۋرات قانۇنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى «خامان تېپىش» «خىزمەت» دەپ قارىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق ئىش دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر مۇخلىسلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى «خامان تەپكەنلىككە باراۋەر» دەپ قارىغان. ئەمدى باشاقلارنى ئۈزۈپ يېيىش زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى ئوخشاش ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر مەسىھنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆزى بىرنېمە دېسۇن! «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.

12:2 مىس. 20‏:10.

12:3 «داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبىلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى.

12:4 «داۋۇت خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ، ئۇلارنى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.

12:4 مىس. 29‏:33؛ لاۋ. 24‏:9؛ 1سام. 21‏:6.

12:5 چۆل. 28‏:9.

12:6 2تار. 6‏:18.

12:7 «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» ــ «ھوش.» 6:6دىن ئېلىنغان سۆز (13:9نىمۇ كۆرۈڭ).

12:7 ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 23‏:23.

12:8 مار. 2‏:28؛ لۇقا 6‏:5.

12:9 «ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى» ــ «ئۇلار» بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «پەرىسىيلەر»نى كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك.

12:9 مار. 3‏:1؛ لۇقا 6‏:6.

12:10 لۇقا 14‏:3.

12:11 مىس. 23‏:4؛ قان. 22‏:4.

12:12 يار. 1‏:27.

12:13 «ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» ــ «ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» دېگەن پېئىلنىڭ «مەجھۇل شەكلى» بولۇپ، بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزە «شابات كۈنىدە يارىتىلغانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟

12:14 مار. 3‏:6؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:39؛ 11‏:53.

12:15 مات. 10‏:23.

12:16 مات. 9‏:30؛ لۇقا 5‏:14.

12:18 «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ» ــ «يەش.» 42-بابتىلى ئىزاھتلارنىمۇ كۆرۈڭ. «ئەللەر» بولسا مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەر، جاهاندىكى بارلىق مىللەتلەترنى كۆرسىتىدۇ. «ھۆكۈم-ھەقىقەت» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق: ــ بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا (تەۋراتتىكى ئەينى بېشارەتتتە) «مىشپات» دېيىلىدۇ، ئۇ تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى خۇدانىڭ «ھەققانىي قۇلى»نىڭ: ــ (1) خۇدانىڭ بۇتلار توغرۇلۇق ھۆكۈمى، يەنى «خۇدا دېگەن تىرىك ھەم بىردۇر، بۇتلار يوقتىن بولغان نەرسە» دېگەن ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىشىنى (ھەقىقەتسىزلەر ھەقىقەتكە ئېرىشىدۇ). (2) خۇدانىڭ ئادىل قانۇن-پەرمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى؛ (3) ھەرخىل خاتا ئۇقۇملارنى ۋە كۆزقاراشلارنى تۈزىتىپ توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈشىنى؛ (4) ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىپ، ئۇۋال بولغانلارغا ئادالەتنى يەتكۈزۈشىنى كۆرسىتىدۇ.

12:18 يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.

12:20 «تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە...» ــ «ھۆكۈم-ھەقىقەت» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق يۇقىرىقى 19-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

12:21 يەش. 42‏:1-4.

12:22 مات. 9‏:32؛ لۇقا 11‏:14.

12:23 يـۇھ. 4‏:29.

12:24 مات. 9‏:34؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15.

12:27 «ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى شەرھى بار: ــ (1) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ پەرىسىيلەرنىڭ ئۆز تالىپ-ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا پەرىسىيلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرى جىنلارنى ھېچ ھەيدىيەلمەيتتى. ئۇنداقتا شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىغا ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئەيسا ۋە مۇرىتلىرىمۇ، ياكى پەرىسىيلەرمۇ؟ پەرىسىيلەرنىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جىننى ھەيدەشكە كۈچسىز بولغانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. (2) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى (ئىسرائىللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى) كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئەيسالا ئەمەس، ئۇلارمۇ جىنلارنى ھەيدىيەلەيدىغان بولغان؛ شۇڭا ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ خۇدانىڭ كۈچى بىلەن جىن-شەيتانلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. بىزنىڭچە (1)-كۆزقاراش توغرا. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

12:29 «بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟...» ــ بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.

12:31 مار. 3‏:28؛ لۇقا 12‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:16.

12:32 «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ» ــ «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» ياكى «مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

12:32 چۆل. 15‏:30؛ 1سام. 2‏:25؛ 1يۇھ. 5‏:16.

12:33 مات. 7‏:18.

12:34 زەب. 40‏:9-10؛ مات. 3‏:7؛ لۇقا 6‏:45.

12:36 توپ. 12‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:4.

12:37 2سام. 1‏:16؛ لۇقا 19‏:22.

12:38 «ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار» ــ پەرىسىيلەر ئەيسادىن تەلەپ قىلغان «ئالامەت» بولسا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆزىزىلىك ئالامەت، ئەلۋەتتە.

12:38 مات. 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 1كور. 1‏:22.

12:40 يۇن. 2‏:1،11

12:41 «مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەر دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ!» ــ بۇ 39-41-ئايەتلەردە ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تىرىك چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. تەۋرات، «يۇنۇس» 1-2-بابلارنى ۋە شۇ كىتابتىكى «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ ھەم ئۇشبۇ كىتابتىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ» ــ دېمەك، «بۇتپەرەس نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بولغان مەسىھ سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار».

12:41 يۇن. 3‏:5؛ لۇقا 11‏:32.

12:42 «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ» ــ يەنى «شەبانىڭ ئايال پادىشاھى». «شەبا» جەنۇبىي ئەرەبىستان ياكى ئېفىئوپىيەنى كۆرسىتىدۇ. «1پاد.» 1:10-10نى كۆرۈڭ.

12:42 1پاد. 10‏:1؛ 2تار. 9‏:1؛ لۇقا 11‏:31.

12:43 «ناپاك روھ» ــ جىننى كۆرسىتىدۇ.

12:43 لۇقا 11‏:24.

12:45 «بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ» ــ بۇ تەمسىل: (1) جىن چاپلىشىشتىن قۇتقۇزۇلغان ئادەمنىڭ ھەقىقىي بىر خەتىرىنى؛ (2) يەھۇدىي خەلقنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

12:45 ئىبر. 6‏:4، 5؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:20.

12:46 مار. 3‏:31؛ لۇقا 8‏:20.

12:50 يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11.