□9:1 «ئۆزى تۇرغان شەھەر» ــ كەپەرناھۇمنى دېمەكچى.
■9:1 مار. 2:3؛ لۇقا 5:18؛ روس. 9:33.
■9:3 زەب. 32:5؛ يەش. 43:25.
■9:9 مار. 2:14؛ لۇقا 5:27.
□9:10 «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا...» ــ گرېك تىلىدا «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ياتقاندا». شۇ چاغدىلاردا كىشىلەر داستىخان سېلىنغان شىرە ئەتراپىدا يانپاشلاپ ياتقان ھالدا غىزالىشاتتى. «نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار» ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار. «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
□9:13 «سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «... » دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار ــ «سىلەر بېرىپ: «پالانى-پالانى سۆزلەر»نى ئۆگىنىڭلار» دېگەن سۆزلەر يەھۇدىي تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ باشقىلارغا يوليورۇق كۆرسەتكەندە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى. مەسىھنىڭ بۇنى ئىشلىتىشى چوقۇم ئۇلارنى رەنجىتتى. خۇدانىڭ بۇ بېشارىتى تەۋراتتا، «ھوش.» 6:6دە تېپىلىدۇ. «... ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم» ــ مەسىھنىڭ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى.
■9:13 ھوش. 6:6؛ مىك. 6:8؛ مات. 12:7؛ مار. 2:17؛ لۇقا 5:32؛ 19:10؛ 1تىم. 1:15.
■9:14 مار. 2:18؛ لۇقا 5:33.
□9:15 «توي مېھمانلىرى» ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ ئۆز «مېھمانلاردىن ئېلىپ كېتىلىشى»، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر بېشارىتىدۇر.
■9:15 2كور. 11:2.
□9:16 «ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ» ــ يېڭى رەخت كىرىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■9:17 مار. 2:22.
□9:18 «مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ..» ــ بۇ «ھۆكۈمدار» سىناگوگنىڭ چوڭى ئىدى («مار.» 22:5نى كۆرۈڭ). «مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قىزىم بۇ ۋاققىچە ئۆلگەن بولسا كېرەك،...».
■9:18 مار. 5:22؛ لۇقا 8:41.
■9:20 لاۋ. 15:25؛ مار. 5:25؛ لۇقا 8:43.
□9:22 «قىزىم، يۈرەكلىك بول» ــ مەسىھنىڭ «يۈرەكلىك بول» دېگىنىگە قارىغاندا، ئايال بەك قورققان. نېمىشقا؟ ئۇنىڭدا خۇن تەۋرەش كېسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، تەۋرات قانۇنى بويىچە ئۆزى تەگكەن بارلىق كىشىلەرنى «ناپاك» قىلغان بولىدۇ (يەنى، ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەنلەر ئىبادەتخانىغا كىرىشكە، قۇربانلىق قىلىشقا ۋاقىتلىق لاياقەتسىز بولاتتى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپتىكى خالايىقنىلا ناپاك قىلىپلا قالماي، بەلكى مەسىھنىڭ ئۆزىنىمۇ «ناپاك» قىلغان بولاتتى.
■9:22 مار. 5:38؛ لۇقا 8:51.
■9:23 مار. 5:38؛ لۇقا 8:51.
■9:24 يـۇھ. 11:11.
□9:27 «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز!» ــ پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى» بولۇشى كېرەك. شۇڭا يەھۇدىيلار ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگەن بۇ نام مەسىھنى كۆرسىتەتتى.
■9:30 مات. 12:16؛ لۇقا 5:14.
■9:31 مار. 7:36.
■9:32 مات. 12:22؛ لۇقا 11:14.
■9:34 مات. 12:24؛ مار. 3:22؛ لۇقا 11:15.
■9:35 مار. 6:6؛ لۇقا 13:22.
■9:36 يەر. 23:1؛ ئەز. 34:2؛ مار. 6:34.
■9:37 لۇقا 10:2؛ يـۇھ. 4:35.
■9:38 2تېـس. 3:1.