6
خەير-ساخاۋەت ھەققىدە
ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر. «خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار» ــ ياكى «قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار».
شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما» ــ گرېك تىلىدا «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، ئۆز ئالدىڭدا كاناي چالغۇزما».   رىم. 12‏:8. لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ. لۇقا 14‏:14.
 
دۇئا ھەققىدە
لۇقا 11‏:2-4
دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. 2پاد. 4‏:33؛ روس. 10‏:4.
دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەس يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا خۇدا تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. 1پاد. 18‏:28؛ يەش. 1‏:15. شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ
 
«ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز،
سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. لۇقا 11‏:2.
10 پادىشاھلىقىڭ كەلگەي،
ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي.
11 بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن.
12 بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،
سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. «بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن» ــ بۇ ئايەتتىكى «قەرز» چوقۇم گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.
13 بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن،
بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن». «..بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن» ــ دېمەك، شەيتاندىن قۇتقۇزۇش. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يامانلىقتىن»، «رەزىللىكتىن». «..بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن...» ــ بەزى گرېكچە نۇسخىلاردا بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ: «چۈنكى، پادىشاھلىق، ھوقۇق ۋە ئۇلۇغلۇق ساڭا مەنسۇپ، ئامىن» دېگەن ئىبارىلەر قوشۇلغان.   مات. 13‏:19.
 
14 چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. مار. 11‏:25؛ كول. 3‏:13. 15 بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. مات. 18‏:35؛ ياق. 2‏:13.
 
روزا تۇتۇش ھەققىدە
16 روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. يەش. 58‏:3؛ مات. 9‏:14؛ مار. 2‏:18؛ لۇقا 5‏:33. 17 ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر. 18 شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.
 
بايلىق ھەققىدە
لۇقا 12‏:33-34؛ 11‏:34-36؛ 16‏:13
19 يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. پەند. 23‏:4؛ ئىبر. 13‏:5؛ ياق. 5‏:1. 20 ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ. لۇقا 12‏:33؛ 1تىم. 6‏:19. 21 چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
22 تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا...» ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي». دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ھەمدە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ...» دېگەن بولىدۇ.   لۇقا 11‏:34. 23 لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! «ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا...» ــ «يامان» مۇشۇ يەردە ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
24 ھېچكىم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. «سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس» ــ «مال-دۇنيا» گرېك تىلىدا «ماممون» دېيىلىدۇ.   لۇقا 16‏:13.
25 شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟ زەب. 37‏:5؛ 55‏:22؛ لۇقا 12‏:22؛ فىل. 4‏:6؛ 1تىم. 6‏:8؛ 1پېت. 5‏:7. 26 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ئايۇپ 38‏:41؛ زەب. 147‏:9 27 ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ «... ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «....بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالامدۇ؟».
28 سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛ «دالادىكى نېلۇپەرلەر...» ــ ياكى «دالادىكى ياۋا گۈل-گىياھلار...». 29 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى. «ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى» ــ مۇشۇ يەردە «سۇلايمان» ئۇلۇغ پادىشاھ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايماننى كۆرسىتىدۇ. 30 ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! 31 شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32 چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ «يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ...» ــ «يات ئەلدىكىلەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى. مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى. 33 شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. 1پاد. 3‏:13؛ زەب. 37‏:25؛ 55‏:22
34 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ.
 
 

6:1 «خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار» ــ ياكى «قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار».

6:2 «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما» ــ گرېك تىلىدا «شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، ئۆز ئالدىڭدا كاناي چالغۇزما».

6:2 رىم. 12‏:8.

6:4 لۇقا 14‏:14.

6:6 2پاد. 4‏:33؛ روس. 10‏:4.

6:7 1پاد. 18‏:28؛ يەش. 1‏:15.

6:9 لۇقا 11‏:2.

6:12 «بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن» ــ بۇ ئايەتتىكى «قەرز» چوقۇم گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.

6:13 «..بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن» ــ دېمەك، شەيتاندىن قۇتقۇزۇش. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يامانلىقتىن»، «رەزىللىكتىن». «..بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن...» ــ بەزى گرېكچە نۇسخىلاردا بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ: «چۈنكى، پادىشاھلىق، ھوقۇق ۋە ئۇلۇغلۇق ساڭا مەنسۇپ، ئامىن» دېگەن ئىبارىلەر قوشۇلغان.

6:13 مات. 13‏:19.

6:14 مار. 11‏:25؛ كول. 3‏:13.

6:15 مات. 18‏:35؛ ياق. 2‏:13.

6:16 يەش. 58‏:3؛ مات. 9‏:14؛ مار. 2‏:18؛ لۇقا 5‏:33.

6:19 پەند. 23‏:4؛ ئىبر. 13‏:5؛ ياق. 5‏:1.

6:20 لۇقا 12‏:33؛ 1تىم. 6‏:19.

6:22 «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا...» ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي». دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ھەمدە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ...» دېگەن بولىدۇ.

6:22 لۇقا 11‏:34.

6:23 «ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا...» ــ «يامان» مۇشۇ يەردە ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

6:24 «سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس» ــ «مال-دۇنيا» گرېك تىلىدا «ماممون» دېيىلىدۇ.

6:24 لۇقا 16‏:13.

6:25 زەب. 37‏:5؛ 55‏:22؛ لۇقا 12‏:22؛ فىل. 4‏:6؛ 1تىم. 6‏:8؛ 1پېت. 5‏:7.

6:26 ئايۇپ 38‏:41؛ زەب. 147‏:9

6:27 «... ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «....بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالامدۇ؟».

6:28 «دالادىكى نېلۇپەرلەر...» ــ ياكى «دالادىكى ياۋا گۈل-گىياھلار...».

6:29 «ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى» ــ مۇشۇ يەردە «سۇلايمان» ئۇلۇغ پادىشاھ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايماننى كۆرسىتىدۇ.

6:32 «يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ...» ــ «يات ئەلدىكىلەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى. مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى.

6:33 1پاد. 3‏:13؛ زەب. 37‏:25؛ 55‏:22