«ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن بۇ ئىبارىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ئالىملارنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئىككى پىكرى بار:
1-پىكىر: ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىككى خىل كالېندارى بار ئىدى. بىرىنچى كالېندار بابىللىقلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ كۈزدە («كاناي چىلىش ھېيتى» ياكى «بۇرغا ھېيتى» بىلەن) باشلىناتتى. بۇ كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى «بىرىنچى شابات» بولسا «تۇنجى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى كالېندار ئەتيازدا باشلىناتتى («مىس.» 2:12نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، ئىككىنچى كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى بىرىنچى شابات «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى.
2-پىكىر: ــ بۇ «يەتتە ھەپتە ھېيتى»نىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىكى شابات كۈنىنى كۆرسىتىدۇ («لاۋ.» 10:23-22نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، بۇ ھېيتنىڭ ئىككىنچى شابات كۈنى «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ پىكىر بويىچە «بىرىنچى» دېگەن سۆز مۇشۇ ئايەتتە ئاساسەن «مۇھىم» دېگەن مەنىدە.
بىزنىڭچە بۇ 2-پىكىر توغرىدۇر، چۈنكى «يېڭى يىل»نىڭ (ئەتىيازدىكى) «بىرىنچى شابات»ىدا، يېڭى بۇغداي ياكى ئارپا دانلىرىنى يېيىش چەكلەنگەنىدى، بەلكىم خۇداغا ئاتاش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 14:23-ئايەتنى يەنە كۆرۈڭ). نېمىلا بولمىسۇن، شۇ ۋاقىت ئەتىيازغا توغرا كېلەتتى. ■ قان. 23:24؛ مات. 12:1؛ مار. 2:23. 2 لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا:
□6:1 «ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»» ــ گرېك تىلىدا «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز «بىرىنچى»نى «مۇھىم» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. سەۋەبىنى تۆۋەندە چۈشەندۈرىمىز. «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن بۇ ئىبارىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ئالىملارنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئىككى پىكرى بار: 1-پىكىر: ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىككى خىل كالېندارى بار ئىدى. بىرىنچى كالېندار بابىللىقلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ كۈزدە («كاناي چىلىش ھېيتى» ياكى «بۇرغا ھېيتى» بىلەن) باشلىناتتى. بۇ كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى «بىرىنچى شابات» بولسا «تۇنجى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى كالېندار ئەتيازدا باشلىناتتى («مىس.» 2:12نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، ئىككىنچى كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى بىرىنچى شابات «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى. 2-پىكىر: ــ بۇ «يەتتە ھەپتە ھېيتى»نىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىكى شابات كۈنىنى كۆرسىتىدۇ («لاۋ.» 10:23-22نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، بۇ ھېيتنىڭ ئىككىنچى شابات كۈنى «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ پىكىر بويىچە «بىرىنچى» دېگەن سۆز مۇشۇ ئايەتتە ئاساسەن «مۇھىم» دېگەن مەنىدە. بىزنىڭچە بۇ 2-پىكىر توغرىدۇر، چۈنكى «يېڭى يىل»نىڭ (ئەتىيازدىكى) «بىرىنچى شابات»ىدا، يېڭى بۇغداي ياكى ئارپا دانلىرىنى يېيىش چەكلەنگەنىدى، بەلكىم خۇداغا ئاتاش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 14:23-ئايەتنى يەنە كۆرۈڭ). نېمىلا بولمىسۇن، شۇ ۋاقىت ئەتىيازغا توغرا كېلەتتى.
■6:1 قان. 23:24؛ مات. 12:1؛ مار. 2:23.
□6:2 «نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟» ــ «چەكلەنگەن ئىش» تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن، دېمەكچى. ئۇلارنىڭ شىكايەت قىلغىنى مۇخلىسلارنىڭ يېيىشى ئەمەس («قان.» 25:23نى كۆرۈڭ)، بەلكى شابات كۈنىدە مۇخلىسلارنىڭ «ھوسۇل ئالغانلىق»ى ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.
■6:2 مىس. 20:10.
□6:3 «سىلەر ھەتتا داۋۇت پەيغەمبەر ... نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى.
□6:4 «دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.
■6:5 مات. 12:8؛ مار. 2:28.
■6:6 مات. 12:9؛ مار. 3:1.
□6:7 «...ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى» ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ.
□6:10 «ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى» ــ «ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ» دېگەن پېئىلنىڭ مەجھۇل شەكلى بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزىنى «شابات كۈنىدە ياراتقانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟
■6:10 1پاد. 13:6.
□6:11 «ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ...» ــ «ئۇلار» 7-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر».
■6:13 مات. 10:1؛ مار. 3:13؛ 6:7؛ لۇقا 9:1.
□6:15 «مىللەتپەرۋەر» ــ ياكى، «قانائانلىق». يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.
□6:16 «ياقۇپنىڭ ئوغلى» ــ بۇ ياقۇپ 14- ۋە 15-ئايەتتىكى «ياقۇپ»لاردىن باشقىسى بولسا كېرەك. «ياقۇپنىڭ ئوغلى» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ياقۇپنىڭ ئىنىسى» دېيىلىدۇ.
■6:17 مات. 4:25؛ مار. 3:7.
■6:19 مار. 5:30.
□6:20 «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار!» ــ «يوقسۇللار» بەلكىم ئۆزىنىڭ خۇداغا قەتئىي موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر. بۇ ئايەتلەردە «مۇبارەك» دېگەن سۆز (خۇدا تەرىپىدىن) «بەختلىك، بەرىكەتلىك قىلىنغان» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
■6:20 مات. 5:2.
■6:21 يەش. 61:3؛ 65:13؛ 66:10.
■6:22 مات. 5:11؛ 1پېت. 2:19؛ 3:14؛ 4:14.
■6:23 روس. 5:41؛ 7:51.
■6:24 ئام. 6:1، 8.
■6:25 يەش. 65:13؛ ياق. 4:9؛ 5:1.
■6:27 مىس. 23:4؛ پەند. 25:21؛ مات. 5:44؛ رىم. 12:20؛ 1كور. 4:12.
■6:28 لۇقا 23:34؛ روس. 7:60.
■6:29 1كور. 6:7.
□6:30 «بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن» ــ نېمىنى بېرىش كېرەكلىكىنى رەببىمىز ئېيتمىدى. بەزى ئەھۋالدا تىلىگۈچىگە تىلىگىنىنى بەرسەك ئۇنىڭغا پايدا ئەمەس، بەلكى زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھاراقكەش ئادەم پۇل ياكى ھاراق تىلىسە بۇنى بەرسەك بولمايدۇ؛ لېكىن مۇمكىن بولسا ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىشىمىز كېرەك. باشقا مىسال «روس.» 1:3-11دە تېپىلىدۇ، بولۇپمۇ 6-ئايەتنى كۆرۈڭ.
■6:30 قان. 15:7؛ مات. 5:42.
■6:31 مات. 7:12.
■6:32 مات. 5:46.
■6:34 قان. 15:8؛ مات. 5:42.
□6:35 «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر» ــ دېمەك، ئەمەللىرىڭلار بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولىدۇ.
■6:35 مات. 5:45.
■6:37 مات. 7:1؛ رىم. 2:1؛ 1كور. 4:5.
□6:38 «سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قۇينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ» ــ ئوتتۇرا شەرقتە بىرسى بىراۋغا ئاشلىق ھەدىيە قىلماقچى بولسا (1) ئاشنى خالتىغا لىق قاچىلايدۇ؛ (2) دانلار چىڭدىلىپ چۈشسۇن دەپ خالتىنى سىلكىيدۇ؛ (3) چىڭدالغان دانلارنىڭ ئۈستىگە «تېشىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە» يەنە قاچىلايدۇ.
■6:38 پەند. 10:22؛ 19:17؛ مات. 7:2؛ مار. 4:24.
■6:39 يەش. 42:19؛ مات. 15:14.
□6:40 «مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ» ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشى مۇمكىن، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
■6:40 مات. 10:24؛ يـۇھ. 13:16؛ 15:20.
□6:41 «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل» ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل». «ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!» ــ مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟» دېگەندەك.
■6:41 مات. 7:3.
■6:43 مات. 7:17؛ 12:33.
■6:44 مات. 7:16.
■6:45 مات. 12:35.
■6:46 مال. 1:6؛ مات. 7:21؛ 25:11؛ لۇقا 13:25؛ رىم. 2:13؛ ياق. 1:22.
■6:47 مات. 7:24.