بەزى تەرجىمانلار بۇ ئايەت يېرۇسالېم شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالى ۋە كەينىدىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، بىزنىڭچە ئۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 14 مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ مېۋىسى بويىچە سىلەرگە يېقىنلىشىپ جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ۋە مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ.□ «مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن» ــ «ئورمانلىق» نېمىن كۆرسىتىدۇ؟ ئوردىنىڭ بىر پەخرى بولغان سۇلايمان پادىشاھ بىنا قىلغان ھەيۋەتلىك «لىۋان ئورمانلىقى ئۆيى» (لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان) ئىدى. 6:22نىمۇ كۆرۈڭ. ■ يەر. 17:27
□21:1 «مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ 20-بابتىكى «پاشخۇر» ئەمەس؛ لېكىن بۇ پاشخۇرمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرەمىياغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەم بولىدۇ (25:29-27نى كۆرۈڭ). «زەفانىيا» بولسا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆزقارىشى يوق بولغان يەنە بىر «يۇمىلاق تاۋۇز»غا ئوخشايدۇ. (29:29دىكى ۋەقەنى كۆرۈڭ). ئۇ بەلكىم ئاخىردا بابىلنىڭ «قاراۋۇل بېگى» تەرىپىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان «زەفانىيا»غا ئوخشاش ئادەم ئىدى (24:52-27نى كۆرۈڭ).
□21:4 «كالدىيلەر» ــ دېمىسەكمۇ، «كالدىيلەر» بابىللىقلارنى، بولۇپمۇ بابىل لەشكەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
□21:8 «لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك» ــ «بۇ خەلق» يېرۇسالېمدا قامىلىپ قالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ.
■21:9 يەر. 38:2
□21:12 «ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، ...: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار» ــ قارىغاندا، پادىشاھنىڭ سوتلىرى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلەتتى. يەنە كېلىپ «ھەر ئەتىگەندە» دېگەن ئىبارە بەلكىم «ئادالەت بىرىنچى ئىش بولسۇن، ھەر كۈنىدە ئەڭ مۇھىم ئىش بولسۇن» دېگەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
■21:12 يەر. 22:3
□21:13 «جىلغا ئۈستىدە... قىيادا ئولتۇرغۇچى...» ــ بىزنىڭچە بۇ ئوردىدا ئولتۇرغان پادىشاھ-ئەمىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يېرۇسالېمدىكى ئىككى تاغ ئارىسىدىكى كىچىك جىلغا «تۈزلەڭلىك» قىلىپ تىندۇرۇلغان ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوردا قۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ كىدرون جىلغىسى ئۈستىدە ــ يەنى «پەلەككە تاقاشقان» بىر ئىنتايىن بىخەتەر جايدا ــ ئوردا كۆرۈنەتتى. دېمەك، بۇ سۆزلەر پادىشاھ ھەم ئوردىدىكىلەرگە ئېيتىلغان بولۇشى كېرەك. بەزى تەرجىمانلار بۇ ئايەت يېرۇسالېم شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالى ۋە كەينىدىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، بىزنىڭچە ئۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
□21:14 «مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن» ــ «ئورمانلىق» نېمىن كۆرسىتىدۇ؟ ئوردىنىڭ بىر پەخرى بولغان سۇلايمان پادىشاھ بىنا قىلغان ھەيۋەتلىك «لىۋان ئورمانلىقى ئۆيى» (لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان) ئىدى. 6:22نىمۇ كۆرۈڭ.
■21:14 يەر. 17:27